شىئېر

قەلەم

بەس قەلەم ، كۆرگەن مۇقامغا يورغىلاشتىن توختا سەن ، بارنى سۆزلە ، ھەقنى كۈيلە ، سەپسەتىلەر ساتما سەن .

تىلەك

2026 - يىل 13 - ئاپرېل

1 مىنۇت ئوقۇش

قەلەم ۋە كۈرەش

ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر

بەس قەلەم ، كۆرگەن مۇقامغا يورغىلاشتىن توختا سەن ،
بارنى سۆزلە ، ھەقنى كۈيلە ، سەپسەتىلەر ساتما سەن .
نە كېرەك يوق نەرسىلەردىن باش قاتۇرماق شۇنچىلىك ،
ساپلىغىڭنى بۇلغىتىپ ، ياشلار ئاققۇزماق شۇنچىلىك .


مەن سېنى كۈرەش ئۈچۈن قىيدىم بوۋامنىڭ تىغىدا ،
بول ماڭا ئۆتكۈر قىلىچ ، ياتما مەزلۇملىق قېنىدا .
قەغىزىم ئۈستىدە ماڭساڭ كۈتكىنىمدىن ئىز ياسا ،
ھەر چېكىتتە ھۆرىيەت _ ئىقبالىغا نېگىز ياسا .


كۈيلە تاغ باشىدا بولساڭ ، تاغۇ _ تاشلار تىتىرىسۇن ،
ھەيۋىتىڭدىن ئەزگۈچى ھاكىم سىنىپ قان يىغلىسۇن .
قەغىزىم ئۈستىگە ئەمدى چۈشمىگەي ياش ئىزلىرىڭ ،
خوش _ خوش ئېيتىپ ، كەتسۇن ئەمدى بۇ يىغىچان گەزلىرىڭ .


مەن سېنى ماۋزۇ قىلىپ چوڭ جەڭ ئۈچۈن ئاتىدىم ،
بىر كېچە گويا خىيالدا ياۋ كۆزىگە قادىدىم .
جەڭدە يەڭگەچ قەبرىمە « لەۋھە » بولۇپ ياتماقچىسەن ،
تۈنلىرىمنى كۈن ياساپ ، گۆھەر كەبى يانماقچىسەن .
قېنى ئەمدى كۈيلىگىن ئەسىرىمگە لايىق ناخشىنى ،
مەنمۇ تاللاپ يۈرمىدىم سەندىن بۆلەك بىر ياخشىنى

تىلەك

«تەرمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

ھېكايە

مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى

تىلەك

·

8 - سېنتەبىر

شىئېر

ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك

تىلەك

·

17 - ئىيۇن