ئاتا-ئانىلار ۋە ئۇستازلارغا
مۇسۇلمان ئائىلىلەر پەرزەنتلىرىگە ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ تۆۋەندىكى ئۈچ ئاساسىنى ئۆگىتىشكە كۆڭۈل بۆلۈشى لازىم:
رەببىڭ كىم؟ دىنىڭ نېمە؟ پەيغەمبىرىڭ كىم؟
رەببىنى تونۇش بالىغا ئاللاھنىڭ پۈتكۈل كائىناتنى ياراتقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنداقلا، ئىبادەتنى خالىس ئاللاھ ئۈچۈنلا قىلىشنى ئۆگىتىپ، ئۇنىڭدا بەندىلىك تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرىدۇ.
دىنىنى تونۇش بالىغا ھايات يولىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئىسلام ئارقىلىق ھالال-ھارامنى پەرقلەندۈرۈشنى، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى ۋە دۇنيا-ئاخىرەت بەختىگە ئېلىپ بارىدىغان يولدا مېڭىشنى ئۆگىنىدۇ.
پەيغەمبىرىنى تونۇش بالىغا گۈزەل ئۈلگە تىكلەپ بېرىدۇ. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام — ئاللاھنىڭ ۋەھيىسىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن تاللانغان ئەلچىسىدۇر. ئۇنىڭ ھاياتى، سۆزلىرى ۋە گۈزەل ئەخلاقى بالىغا ئاللاھقا قانداق ئىبادەت قىلىشنى ۋە قانداق ياشاشنى ئۆگىتىدۇ.
بۇ ئۈچ ئاساس بالىنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتىپ، توغرا ئەقىدە ۋە گۈزەل ئەخلاق بىلەن ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
كىتابچىدىن قانداق پايدىلىنىمىز؟
بۇ كىتابچە تۆت بابتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بالىلارنى ئويلىنىشقا يېتەكلەيدىغان سوئاللارنى ۋە رەسىملىك قىزىقارلىق مەشىقلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن:
١. بىللە ئوقۇڭ. پەرزەنتىڭىز چۈشەنمىگەن نۇقتىلارنى ئاددىي جۈملىلەر ۋە تۇرمۇشتىكى مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈڭ.
٢. تەكرارلاپ تۇرۇڭ. ئۆگەنگەنلىرىنىڭ ئېسىدە قېلىشى ئۈچۈن، پات-پات سوئال سوراپ، بىللە ئەسلەپ بېقىڭ.
٣. ئۆگىنىشنى قىزىقارلىق قىلىڭ. كىچىك مۇسابىقە ۋە مەشىقلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تىرىشچانلىقىنى رىغبەتلەندۈرۈڭ.
٤. ئۆزىڭىز ئۈلگە بولۇڭ. بالىڭىز سۆزىڭىزدىنلا ئەمەس، ئىش-ھەرىكىتىڭىزدىنمۇ ئۆگىنىدۇ. ئۆگەتكەنلىرىڭىزنى كۈندىلىك ھاياتىڭىزدا ئەمەلىيلەشتۈرۈڭ.
ئاللاھتىن بۇ كىتابچىنى پەرزەنتلىرىمىزنىڭ دىن ئاساسلىرىنى ئۆگىنىشىگە پايدىلىق قىلىشىنى سورايمىز. خاتالىق ياكى كەمچىلىكلەر بايقالسا، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈزىتىش پىكىرلىرىنى بىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
مۇۋەپپەقىيەت پەقەت ئاللاھتىندۇر. ئۇنىڭدىن ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلىشىنى تىلەيمىز. بارلىق ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر.


