بۇ دەرسلىكنىڭ ئەسلى مەنبەسى تۆۋەندىكى ئايەت ۋە ھەدىستىن ئېلىنغان:
ئالـلاھ تەئـالا مۇنـداق دېگـەن: ﴿يَـا أَيُّهَـا الَّذِيـنَ آمَنُـوا قُـوا أَنفُسَـكُمْ وَأَهْلِيكُـمْ نَـارًا وَقُودُهَـا النَّـاسُ وَالْحِجَـارَةُ عَلَيْهَـا مَلََائِكَـةٌ غِـلََاظٌ شِـدَادٌ لََّا يَعْصُـونَ اللََّّهَ مَـا أَمَرَهُـمْ وَيَفْعَلُـونَ مَـا يُؤْمَـرُونَ﴾ «ئەي ئىمان ئېيتقانلار! سـىلەر ئۆزۈڭلارنـى ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتىڭلارنى يېقىلغۇسـى ئىنسـانلار ۋە تاشـلار بولغـان دوزاخ ئوتىدىـن سـاقلاڭلار. دوزاختا قوپـال، قاتتىـق قول پەرىشـتىلەر بـار بولۇپ، ئـۇلار ئاللاھنىـڭ بۇيرۇقىغا ئاسـىيلىق قىلمايدۇ، نېمىگـە بۇيرۇلسـا شـۇنى ئىجرا قىلىـدۇ»[1].
ئابدۇلـلاھ ئىبنـى ئابباسـتىن (رەزىيەللاھـۇ ئەنھۇمـا) دىن رىۋايـەت قىلىنىدۇكـى: «مەن بىـر كۈنـى رەسـۇلۇللاھنىڭ كەينىگـە مىنگىشـىپ كېتىۋاتاتتىـم، ئـۇ ماڭا مۇنـداق دېدى:
«يَـا غُـلََامُ، إنِّي أُعَلِّمُـكَ كَلِمَـاتٍ: احْفَـظِ اللََّّهَ يَحْفَظْـكَ، احْفَـظِ اللََّّهَ تَجِـدْهُ تُجَاهَـكَ، إِذَا سَـأَلْتَ فَاسْـأَلِ اللََّّهَ، وَإِذَا اسْـتَعَنْتَ فَاسْـتَعِنْ بِـالِلََّّهِ، وَاعْلَـمْ: أَنَّ الْْأُمَّـةَ لَـوِ اجْتَمَعَـتْ عَلَـى أَنْ يَنْفَعُـوكَ بِشَـيْءٍ لَـمْ يَنْفَعُـوكَ إِلََّا بِشَـيْءٍ قَـدْ كَتَبَـهُ اللََّّهُ لَـكَ، وَإِنِ اجْتَمَعُـوا عَلَـى أَنْ يَضُـرُّوكَ بِشَـيْءٍ لَـمْ يَضُـرُّوكَ إِلََّا بِشَـيْءٍ قَـدْ كَتَبَـهُ اللََّّهُ عَلَيْـكَ، رُفِعَـتِ الْْأَقْـلََامُ وَجَفَّـتِ الصُّحُـفُ»
« ئـەي بـالا! مـەن سـاڭا بىـر نەچچـە كەلىمـە ئۆگىتىـپ قويـاي: ئاللاھنىـڭ ھەققىنـى سـاقلىغىن، ئالـلاھ سـېنى سـاقلايدۇ؛ ئاللاھنىڭ ھەققىنى ساقلىسـاڭ، ئاللاھنـى ئالدىڭـدا تاپىسـەن؛ بىر نەرسـە تىلىسـەڭ ئاللاھتىـن تىلىگىن، ياردەم سورىسـاڭ ئاللاھتىـن سـورىغىن. بىلگىنكـى، پۈتۈن ئۈممەت سـاڭا بىـرەر مەنپەئەت يەتكـۈزۈش ئۈچۈن توپلانسـىمۇ، پەقـەت ئاللاھ سـەن ئۈچـۈن پۈتۈۋەتكـەن مەنپەئەتنىـلا يەتكۈزەلەيـدۇ. ئەگەر سـاڭا بىـرەر زىيان يەتكـۈزۈش ئۈچۈن توپلانسـىمۇ، پەقەت ئاللاھ سـەن ئۈچـۈن پۈتۈۋەتكەن زىياننىـلا يەتكۈزەلەيـدۇ. قەلەملـەر كۆتۈرۈلـدى، دەپتـەر يېپىلـدى»[2].
يەنـى، ئىنسـان ئۆزىنىـڭ نىجاتلىقىنـى كـۆزدە تۇتـۇش بىلـەن بىللـە ئائىلـە- ئەزالىرىنڭمـۇ نىجاتلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشـى لازىـم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسـالامنىڭ كىچىـك ياشـتىكى ئابدۇلـلا ئىبنـى ئابباسـقا تەلىـم بەرگىنىـدەك ئۆسـمۈرلەرگە دىننـى ئۆگۈتـۈش ھەر-بىـر مۇسـۇلماننىڭ مەجبۇرىيىتىـدۇر.
ئۆسـمۈرلەرگە تەلىـم بېرىشـنىڭ ئەھمىيىتـى ھەققىـدە ئالىملارنىـڭ قىممەتلىك سۆزلىرى:
شەيىخ ئىمام مۇھەممەد بىن ئابدۇلۋەھھاب: «سەبىيلەرگە تەۋھىد ئۆگىتەيلى» دىگەن كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ، ئۆسمۈرلەرنىڭ ساپ ئىسلام ئۈستىدە مۇكەممەل ئىنسان بولىشى ۋە ئىيمان يولىدا ياخشى مۇۋەھھىد- تەۋھىدچى بولۇپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئۆسمۈرلەرگە قۇرئان ئۆگىتىشتىن بۇرۇن ئۆگىتىش پەرىز بولغان ئىنتايىن پايدىلىق كىتابتۇر».
ئىمـام ئەبۇزەيـد ئـەلقەيرىۋانـى- رەھىمەھۇللاھ- مۇنـداق دەيـدۇ:» كىچىك بالىنى يەتتـە ياشـتا نامازغـا بۇيـرۇش، ئون ياشـتا (نامـاز ئوقىمىسـا) ئـۇرۇش ۋە ياتىقىنـى ئايرىش ھەدىسـتە كەلگەنـدەك، ئاللاھ بەندىلەرگـە پەرىـز قىلغـان سـۆز- ھەرىكـەت ئىبادەتلەرنىمۇ سـەبىلەرنىڭ قەلىبلىرىـدە ئورۇنلاشـقان، كۆڭۈللىـرى ئۇنىڭغـا كۆنگـەن ۋە ئەزالىـرى ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشـقا ئادەتلىنىپ كەتكەن ھالدا بالاغەت يېشـىغا كىرىشـلىرى ئۈچۈن سەبىيلەرگە بالاغەتكە يىتىشـتىن بۇرۇن ئۆگۈتۈش زۆرۈردۇر». (دېمەك، سـەبىيلەرگە بالاغەت يېشـىدىن بۇرۇنـلا دىننىـڭ زۆرۈر بىلىملىرىنى ئۆگىتىـش ئىنتايىن مۇھىـم ۋە زۆرۈردۇر).
[1] تەھرىم سۈرىسـى، 6-ئايەت
[2]تىرمىـزى ۋە ئىمـام ئەھمـەد رىۋايىتـى


